Loading surah...
Back to Uyghur Quran
111 Ayahs • Meccan
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ الٓر ۚ تِلْكَ ءَايَٰتُ ٱلْكِتَٰبِ ٱلْمُبِينِ
ئەلىف، لام، را. بۇ روشەن كىتاب ئايەتلىرىدۇر
إِنَّآ أَنزَلْنَٰهُ قُرْءَٰنًا عَرَبِيًّۭا لَّعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
شۈبھىسىزكى، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ، ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق
نَحْنُ نَقُصُّ عَلَيْكَ أَحْسَنَ ٱلْقَصَصِ بِمَآ أَوْحَيْنَآ إِلَيْكَ هَٰذَا ٱلْقُرْءَانَ وَإِن كُنتَ مِن قَبْلِهِۦ لَمِنَ ٱلْغَٰفِلِينَ
بۇ قۇرئاننى ساڭا ۋەھيى قىلىش ئارقىلىق ئەڭ چىرايلىق قىسسىنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ قىسسىدىن ھەقىقەتەن بىخەۋەر ئىدىڭ
إِذْ قَالَ يُوسُفُ لِأَبِيهِ يَٰٓأَبَتِ إِنِّى رَأَيْتُ أَحَدَ عَشَرَ كَوْكَبًۭا وَٱلشَّمْسَ وَٱلْقَمَرَ رَأَيْتُهُمْ لِى سَٰجِدِينَ
ئۆز ۋاقتىدا يۇسۇف ئۆز ئاتىسىغا: «ئى ئاتا! مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە 11 يۇلتۇزنىڭ ۋە ئاي بىلەن كۈننىڭ ماڭا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆردۈم» دېدى
قَالَ يَٰبُنَىَّ لَا تَقْصُصْ رُءْيَاكَ عَلَىٰٓ إِخْوَتِكَ فَيَكِيدُوا۟ لَكَ كَيْدًا ۖ إِنَّ ٱلشَّيْطَٰنَ لِلْإِنسَٰنِ عَدُوٌّۭ مُّبِينٌۭ
ئاتىسى (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام): «ئى ئوغلۇم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن، ساڭا سۇيىقەست قىلىپ قالمىسۇن، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر» دېدى
وَكَذَٰلِكَ يَجْتَبِيكَ رَبُّكَ وَيُعَلِّمُكَ مِن تَأْوِيلِ ٱلْأَحَادِيثِ وَيُتِمُّ نِعْمَتَهُۥ عَلَيْكَ وَعَلَىٰٓ ءَالِ يَعْقُوبَ كَمَآ أَتَمَّهَا عَلَىٰٓ أَبَوَيْكَ مِن قَبْلُ إِبْرَٰهِيمَ وَإِسْحَٰقَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ عَلِيمٌ حَكِيمٌۭ
شۇنىڭغا (يەنى ساڭا ئۇلۇغ چۈش كۆرسەتكىنىگە) ئوخشاش، پەرۋەردىگارىڭ سېنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللايدۇ، ساڭا چۈش تەبىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاقلارغا ئىلگىرى اﷲ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بەرگىنىدەك، ساڭىمۇ، يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ (ئۆز مەرھەمىتىگە كىمنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
۞ لَّقَدْ كَانَ فِى يُوسُفَ وَإِخْوَتِهِۦٓ ءَايَٰتٌۭ لِّلسَّآئِلِينَ
يۇسۇفنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ (قىسسىسىدە) سورىغۇچىلار ئۈچۈن اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار
إِذْ قَالُوا۟ لَيُوسُفُ وَأَخُوهُ أَحَبُّ إِلَىٰٓ أَبِينَا مِنَّا وَنَحْنُ عُصْبَةٌ إِنَّ أَبَانَا لَفِى ضَلَٰلٍۢ مُّبِينٍ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار: «يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى (يەنى بۇنيامىن) ئاتىمىزغا بىزدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر، ھالبۇكى، بىز (كۈچلۈك) جامائەدۇرمىز، ئاتىمىز (نىڭ ئۇ ئىككىسىنى بىزدىن ئارتۇق كۆرۈشى) ئەلۋەتتە روشەن خاتادۇر» دېيىشتى
ٱقْتُلُوا۟ يُوسُفَ أَوِ ٱطْرَحُوهُ أَرْضًۭا يَخْلُ لَكُمْ وَجْهُ أَبِيكُمْ وَتَكُونُوا۟ مِنۢ بَعْدِهِۦ قَوْمًۭا صَٰلِحِينَ
(ئۇلار) «يۇسۇفنى ئۆلتۈرۋېتىڭلار، ياكى ئۇنى يىراق بىر چەت جايغا تاشلىۋېتىڭلار، (شۇ چاغدا) ئاتاڭلارنىڭ مۇھەببىتى سىلەرگە قالىدۇ، بۇ (گۇناھ) تىن كېيىن (تەۋبە قىلىپ) ياخشى ئادەم بولۇپ كېتىسىلەر» دېيىشتى
قَالَ قَآئِلٌۭ مِّنْهُمْ لَا تَقْتُلُوا۟ يُوسُفَ وَأَلْقُوهُ فِى غَيَٰبَتِ ٱلْجُبِّ يَلْتَقِطْهُ بَعْضُ ٱلسَّيَّارَةِ إِن كُنتُمْ فَٰعِلِينَ
ئۇلاردىن بىرى سۆز قىلىپ: «يۇسۇفنى ئۆلتۈرمەڭلار، (ئەگەر ئۇنى ئاتىسىدىن يىراق قىلماقچى بولساڭلار، ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىڭلار، ئۇنى يولدىن ئۆتكەن كارۋان ئېلىۋالسۇن» دېدى
قَالُوا۟ يَٰٓأَبَانَا مَا لَكَ لَا تَأْمَ۫نَّا عَلَىٰ يُوسُفَ وَإِنَّا لَهُۥ لَنَٰصِحُونَ
ئۇلار ئېيتتى: «ئى ئاتىمىز! نېمىشقا يۇسۇف تورىسىدا بىزگە ئىشەنمەيسەن؟ ھالبۇكى، بىز ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ياخشى نىيەتتىمىز
أَرْسِلْهُ مَعَنَا غَدًۭا يَرْتَعْ وَيَلْعَبْ وَإِنَّا لَهُۥ لَحَٰفِظُونَ
ئەتە ئۇنى بىزگە قوشۇپ قويغىن، يەپ - ئىچىپ، ئويناپ - كۈلۈپ كىرسۇن، ئۇنى بىز چوقۇم ياخشى مۇھاپىزەت قىلىمىز»
قَالَ إِنِّى لَيَحْزُنُنِىٓ أَن تَذْهَبُوا۟ بِهِۦ وَأَخَافُ أَن يَأْكُلَهُ ٱلذِّئْبُ وَأَنتُمْ عَنْهُ غَٰفِلُونَ
يەئقۇب: «ئۇنى (يەنى يۇسۇفنى) ئېلىپ كەتسەڭلار راستلا خاتىرجەم بولالمايمەن، سىلەر غەپلەتتە قېلىپ، ئۇنى بۆرە يەپ قويۇشتىن ئەنسىرەيمەن» دېدى
قَالُوا۟ لَئِنْ أَكَلَهُ ٱلذِّئْبُ وَنَحْنُ عُصْبَةٌ إِنَّآ إِذًۭا لَّخَٰسِرُونَ
ئۇلار: «بىز (كۈچلۈك) بىر جامائە تۇرۇقلۇق، ئۇنى بۆرىگە يېگۈزۈپ قويساق، ئۇ چاغدا بىز ئەلۋەتتە - زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى
فَلَمَّا ذَهَبُوا۟ بِهِۦ وَأَجْمَعُوٓا۟ أَن يَجْعَلُوهُ فِى غَيَٰبَتِ ٱلْجُبِّ ۚ وَأَوْحَيْنَآ إِلَيْهِ لَتُنَبِّئَنَّهُم بِأَمْرِهِمْ هَٰذَا وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
ئۇلار يۇسۇفنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ۋە ئۇنى قۇدۇققا تاشلاشنى بىردەك قارار قىلىشقان چاغدا، بىز يۇسۇفكە: «كەلگۈسىدە ئۇلارغا بۇ ئىشنى (سېنىڭ يۇسۇف ئىكەنلىكىڭنى) ئۇلار ئۇقمايدىغان پەيتتە ئېيتقىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق
وَجَآءُوٓ أَبَاهُمْ عِشَآءًۭ يَبْكُونَ
ئۇلار كەچتە ئاتىسىنىڭ ئالدىغا يىغلاپ كېلىشتى
قَالُوا۟ يَٰٓأَبَانَآ إِنَّا ذَهَبْنَا نَسْتَبِقُ وَتَرَكْنَا يُوسُفَ عِندَ مَتَٰعِنَا فَأَكَلَهُ ٱلذِّئْبُ ۖ وَمَآ أَنتَ بِمُؤْمِنٍۢ لَّنَا وَلَوْ كُنَّا صَٰدِقِينَ
ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! يۇسۇفنى نەرسىلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ يۈگۈرۈشكىلى كېتىپ قېلىپتۇق، ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ، راست گەپ قىلساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن» دېيىشتى
وَجَآءُو عَلَىٰ قَمِيصِهِۦ بِدَمٍۢ كَذِبٍۢ ۚ قَالَ بَلْ سَوَّلَتْ لَكُمْ أَنفُسُكُمْ أَمْرًۭا ۖ فَصَبْرٌۭ جَمِيلٌۭ ۖ وَٱللَّهُ ٱلْمُسْتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ
ئۇلار يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنى يالغاندىن قانغا بوياپ ئېلىپ كېلىشكەن ئىدى. يەئقۇب: «بۇ ئىشنى نەپسىڭلار سىلەرگە چىرايلىق كۆرسىتىپ قىلغۇزۇپتۇ. مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋرە قىلىمەن، سىلەرنىڭ (مۇشۇ يالغان) سۆزۈڭلارنى كۆتۈرۈشۈمگە اﷲ مەدەتكاردۇر» دېدى
وَجَآءَتْ سَيَّارَةٌۭ فَأَرْسَلُوا۟ وَارِدَهُمْ فَأَدْلَىٰ دَلْوَهُۥ ۖ قَالَ يَٰبُشْرَىٰ هَٰذَا غُلَٰمٌۭ ۚ وَأَسَرُّوهُ بِضَٰعَةًۭ ۚ وَٱللَّهُ عَلِيمٌۢ بِمَا يَعْمَلُونَ
بۇ يەردىن بىر كارۋان ئۆتتى، ئۇلار سۇچىسىنى (سۇ ئېلىپ كېلىشكە) ئەۋەتتى، ئۇ سوغىسىنى قۇدۇققا تاشلىدى ۋە: «خۇش خەۋەر! مانا بىر ئوغۇل بالا» دېدى. ئۇلار ئۇنى تىجارەت مېلى سۈپتىدە مەخپىي تۇتۇشتى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى اﷲ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
وَشَرَوْهُ بِثَمَنٍۭ بَخْسٍۢ دَرَٰهِمَ مَعْدُودَةٍۢ وَكَانُوا۟ فِيهِ مِنَ ٱلزَّٰهِدِينَ
ئۇلار يۇسۇفنى ساناقلىق بىر قانچە تەڭگىگە ئەرزان باھادا سېتىۋەتتى، چۈنكى ئۇلار يۇسۇفكە قىزىقمىغان ئىدى
Page 1 of 6 (111 ayahs)