Loading surah...
Back to Uyghur Quran
30 Ayahs • Meccan
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ الٓمٓ
ئەلىف، لام، مىم
تَنزِيلُ ٱلْكِتَٰبِ لَا رَيْبَ فِيهِ مِن رَّبِّ ٱلْعَٰلَمِينَ
(بۇ) كىتاب (يەنى قۇرئان) نىڭ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىدا ھېچ شەك يوقتۇر
أَمْ يَقُولُونَ ٱفْتَرَىٰهُ ۚ بَلْ هُوَ ٱلْحَقُّ مِن رَّبِّكَ لِتُنذِرَ قَوْمًۭا مَّآ أَتَىٰهُم مِّن نَّذِيرٍۢ مِّن قَبْلِكَ لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ
مۇشرىكلار: «مۇھەممەد ئۇنى ئۆزى توقۇدى» دەيدۇ. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر كەلمىگەن بىر قەۋمنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر
ٱللَّهُ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا فِى سِتَّةِ أَيَّامٍۢ ثُمَّ ٱسْتَوَىٰ عَلَى ٱلْعَرْشِ ۖ مَا لَكُم مِّن دُونِهِۦ مِن وَلِىٍّۢ وَلَا شَفِيعٍ ۚ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ
اﷲ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. سىلەرگە اﷲ تىن باشقا ھېچقانداق ئىگە يوق، شاپائەت قىلغۇچىمۇ يوق (بۇنى) پىكىر قىلىپ (ئىمان ئېيتمامسىلەر؟)
يُدَبِّرُ ٱلْأَمْرَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ إِلَى ٱلْأَرْضِ ثُمَّ يَعْرُجُ إِلَيْهِ فِى يَوْمٍۢ كَانَ مِقْدَارُهُۥٓ أَلْفَ سَنَةٍۢ مِّمَّا تَعُدُّونَ
اﷲ ئاسماندىن زېمىنغىچە بولغان (مەخلۇقاتىنىڭ) ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلۇقى سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلدەك كېلىدىغان بىر كۈندە اﷲ نىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ
ذَٰلِكَ عَٰلِمُ ٱلْغَيْبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
ئۇ (اﷲ) يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، غالىبتۇر. (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر
ٱلَّذِىٓ أَحْسَنَ كُلَّ شَىْءٍ خَلَقَهُۥ ۖ وَبَدَأَ خَلْقَ ٱلْإِنسَٰنِ مِن طِينٍۢ
ئۇ ھەممە نەرسىنى چىرايلىق (يەنى ھېكمىتىگە مۇۋاپىق، جايىدا) ياراتتى. دەسلەپتە ئىنساننى (يەنى ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) لايدىن ياراتتى
ثُمَّ جَعَلَ نَسْلَهُۥ مِن سُلَٰلَةٍۢ مِّن مَّآءٍۢ مَّهِينٍۢ
ئاندىن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەرزىمەس سۇنىڭ جەۋھىرى (يەنى مەنىي) دىن ياراتتى
ثُمَّ سَوَّىٰهُ وَنَفَخَ فِيهِ مِن رُّوحِهِۦ ۖ وَجَعَلَ لَكُمُ ٱلسَّمْعَ وَٱلْأَبْصَٰرَ وَٱلْأَفْـِٔدَةَ ۚ قَلِيلًۭا مَّا تَشْكُرُونَ
ئاندىن ئۇنى راۋۇرۇس يارىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىگە مەنسۇپ روھنى كىرگۈزدى (يەنى جاننى كىرگۈزدى). يەنە سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە يۈرەكلەرنى ياراتتى، سىلەر ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر
وَقَالُوٓا۟ أَءِذَا ضَلَلْنَا فِى ٱلْأَرْضِ أَءِنَّا لَفِى خَلْقٍۢ جَدِيدٍۭ ۚ بَلْ هُم بِلِقَآءِ رَبِّهِمْ كَٰفِرُونَ
ئۇلار: «يەر ئاستىدا يوقالغاندىن كېيىن (يەنى گۆردە توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن) راستلا قايتا يارىتىلامدۇق؟» دەيدۇ، بەلكى ئۇلار پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر
۞ قُلْ يَتَوَفَّىٰكُم مَّلَكُ ٱلْمَوْتِ ٱلَّذِى وُكِّلَ بِكُمْ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمْ تُرْجَعُونَ
ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ (جېنىڭلارنى ئېلىشقا) مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر»
وَلَوْ تَرَىٰٓ إِذِ ٱلْمُجْرِمُونَ نَاكِسُوا۟ رُءُوسِهِمْ عِندَ رَبِّهِمْ رَبَّنَآ أَبْصَرْنَا وَسَمِعْنَا فَٱرْجِعْنَا نَعْمَلْ صَٰلِحًا إِنَّا مُوقِنُونَ
ئەگەر سەن گۇناھكارلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدىغان بولساڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ)، ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) كۆردۇق، ئاڭلىدۇق. بىزنى ياخشى ئەمەل قىلىش ئۈچۈن (دۇنياغا) قايتۇرغىن، بىز (ئەمدى) ھەقىقەتەن (سېنىڭ ۋەدەڭنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىشەنگۈچىلەرمىز»
وَلَوْ شِئْنَا لَءَاتَيْنَا كُلَّ نَفْسٍ هُدَىٰهَا وَلَٰكِنْ حَقَّ ٱلْقَوْلُ مِنِّى لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنَ ٱلْجِنَّةِ وَٱلنَّاسِ أَجْمَعِينَ
ئەگەر بىز خالىساق، ھەر بىر كىشىگە ئەلۋەتتە ھىدايەت بېرەتتۇق، لېكىن مېنىڭ (گۇناھكارلارنى ئازاب قىلىشتىن ئىبارەت) ھۆكمىم بېكىپ كەتتى. مەن چوقۇم جىنلار ۋە ئىنسانلار (يەنى ئۇلارنىڭ گۇناھكارلىرى) - ھەممىسى بىلەن جەھەننەمنى تولدۇرىمەن
فَذُوقُوا۟ بِمَا نَسِيتُمْ لِقَآءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَآ إِنَّا نَسِينَٰكُمْ ۖ وَذُوقُوا۟ عَذَابَ ٱلْخُلْدِ بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
(ئەھلى دوزاخقا ئېيتىلىدۇ) «مۇشۇ كۈندىكى ئۇچرىشىشىڭلارنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭلار ئۈچۈن (بۇ خورلىغۇچى ئازابنى) تېتىڭلار، بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى ئۇنتۇدۇق، قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار»
إِنَّمَا يُؤْمِنُ بِـَٔايَٰتِنَا ٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِّرُوا۟ بِهَا خَرُّوا۟ سُجَّدًۭا وَسَبَّحُوا۟ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَهُمْ لَا يَسْتَكْبِرُونَ ۩
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ھەقىقەتەن شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا شۇ ئايەتلەر بىلەن ۋەز - نەسىھەت قىلىنسا (اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن اﷲ قا) سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىدۇ، پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدۇ ئېيتىدۇ. ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ تائەت - ئىبادىتىدىن) چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ
تَتَجَافَىٰ جُنُوبُهُمْ عَنِ ٱلْمَضَاجِعِ يَدْعُونَ رَبَّهُمْ خَوْفًۭا وَطَمَعًۭا وَمِمَّا رَزَقْنَٰهُمْ يُنفِقُونَ
ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن - كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ (يەنى ئۇلار كېچىسى ئىبادەت قىلىپ ئاز ئۇخلايدۇ)، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ (ئازابىدىن) قورقۇپ، (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدۇ
فَلَا تَعْلَمُ نَفْسٌۭ مَّآ أُخْفِىَ لَهُم مِّن قُرَّةِ أَعْيُنٍۢ جَزَآءًۢ بِمَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن اﷲ نىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ
أَفَمَن كَانَ مُؤْمِنًۭا كَمَن كَانَ فَاسِقًۭا ۚ لَّا يَسْتَوُۥنَ
مۆمىن ئادەم پاسىق ئادەمگە ئوخشامدۇ؟ ئۇلار (ئاخىرەتلىك ساۋابتا) باراۋەر ئەمەس
أَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فَلَهُمْ جَنَّٰتُ ٱلْمَأْوَىٰ نُزُلًۢا بِمَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قارارگاھى جەننەت بولىدۇ، (ئۇ) ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن ئۇلا رئۈچۈن تەييارلانغان جايدۇر
وَأَمَّا ٱلَّذِينَ فَسَقُوا۟ فَمَأْوَىٰهُمُ ٱلنَّارُ ۖ كُلَّمَآ أَرَادُوٓا۟ أَن يَخْرُجُوا۟ مِنْهَآ أُعِيدُوا۟ فِيهَا وَقِيلَ لَهُمْ ذُوقُوا۟ عَذَابَ ٱلنَّارِ ٱلَّذِى كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ
اﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، ھەر قاچان ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولسا، ئۇلار دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ. ئۇلارغا: «سىلەر ئىنكار قىلغان دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ
Page 1 of 2 (30 ayahs)